![[object Object]](../../static/theoan-about-1cbed31010bc465d3271e868d7c23ef2.png)
ئوچۇق پروگرامما تورى (OAN) ئوچۇق ئەپ قۇرۇش ۋە ساھىبخانلىق ئۈچۈن ئوچۇق مەنبەلىك ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە تەمىنلەيدۇ. ئۇ «ئىتتىپاقلىق ئورتاق تونۇشى» دا ئىجرا قىلىندىغان بولۇپ ، ئۇ بۆلەكلەر زەنجىرىگە يېڭى بۆلەكلەرنى قوشۇش ئۈچۈن ، PoW ۋە PoS نى تەڭ ئىشلىتىدۇ.
دائىم سورايدىغان سوئاللار
بۇ يەردە توپىمىزدا بىزدىن كۆپ سورالغان بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابى بار، ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلانى بىلمەكچى بولسىڭىز ،ھەرۋاقىت بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
OAN ئوچۇق ئەپ قۇرۇش ۋە ساھىبخانلىق قىلىدىغان ئوچۇق مەنبەلىك ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە. ئوچۇق ئەپلەر ئابونتلارنى قايتىدىن كونترول قىلىدىغان پروگراممىلار بولۇپ، سۇپىلار ئارا زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ. OAN ئوچۇق ئۆلچەمدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئېشلەتكۈچىلەرگە تەۋە. تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ بىلوگتىكى ماقالىنى ئوقۇڭ.
Aion بولسا OAN نىڭ رەقەملىك مۈلكى. Aion بولسا OAN نى بىخەتەر قىلىش بىلەن بىللە ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. OAN دىكى ھالقىلىق ئىقتىدارلار Aion ئارقىلىق قوزغىتىلغان ۋە ئۈنۈملۈك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن.
OAN بولسا Unity ئارقىلىق قوغدىلىدۇ. ئارىلاشما ئورتاق تونۇش مودېلى PoS بىلەن PoW نى بىرلەشتۈرۈلگەن. Unity ئاستىدا، بۆلەكلەر PoS بىلەن PoW ئىشتىراكچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئاساسەن تەڭ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، Unity توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابنى ئوقۇڭ.
OAN دىكى PoS ئارقىلىق قوشۇلغان يېڭى بۆلەكلەر دەلىللىگۈچىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. OAN نىڭ يوچۇقسىز يۈرۈشىنى قوزغىتىش ئۈچۈن، دەلىللىگۈچىلەر بىخەتەر، ھەر ۋاقىت ئوچۇق ئۇل ئەسلىھە بىلەن تەمىنلەيدىغان تېخنىكىلىق ئىقتىدارغا موھتاج.
ھەممە ئادەم بۇنى قىلىپ كىتەلىشى ناتايىن. بەزى توكىن ئىگىلىرى ئۆزلىرىدە بار بولغان توكىنلارنى دەلىللىگۈچىگە ھاۋالە قىلىپ ۋاسىتىلىك قاتنىشىدۇ. دەلىللىگۈچىلەرھاۋالە قىلغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئۇلار ئادەتتە مەشغۇلات خىراجىتىنى تۆلەش ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ.
AION نى ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق تورنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياردەم بېرىسىز. بۇ ياردەم ئۈچۈن كېلىشىم تەمىنلىگەن مۇكاپاتنىڭ بىر قىسمىغا ئېرىشىسىز. ئەگەر سىز بىر مەزگىل AION نى ساقلاپ قېلىشنى ئويلىسىڭىز ، ھاۋالىڭىز تورنىڭ ساغلاملىقىغا تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ AIONتوپلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
دەلىللىگۈچىللىرىمىز تاپشۇرۇۋالغان مۇكاپاتتىن %7.5 ھەق ئالىمىز. مەسىلەن ، ئەگەر بىر دەلىللىگۈچى مۇكاپات سۈپىتىدە 100 AION نى تاپشۇرۇۋالسا ،stakefish بولسا 7.5 AION غا ئېرىشىدۇ ، دەلىللىگۈچى بولسا 92.5 AION غا ئېرىشىدۇ.ئىش ھەققى مۇۋاپىق، ئىناۋەتلىك ھەم كۈچلۈك دەلىللىگۈچى بىلەن تەمىنلەيمىز.
ھاۋالىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى (بەزىدە يىشىش ياكى گۆرۆنى قايتۇرۋىلىش دېيىلىدۇ.) ھەر ۋاقىت قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما، AION نىڭ قايتىپ، يۆتكەشكە تەخمىنەن 24 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ
گۆرۈگە قويۇش ياكى بىزنىڭ دەلىللەش مۇلازىمىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىڭىز بولسا ، ئىككىلەنمەي بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. بىز ھەر قانداق ئادەم بىلەن بىر مەقسەتتە ئورتاقلىشالىغانقىمىزدىن ۋە يېڭى ئېكولوگىيىلىك سىستېما ئارقىلىق توپ ئەزالىرىغا باشلامچىلىق قىلىۋاتقىنىمىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.
ئالاقىلىشىڭ